باشبەت

ئورنى Wikipedia
(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىيە)
Jump to navigation Jump to search
ھەركىم تۆھپە قوشالايدۇرغان ئوچۇق ئېنسىكلوپېدىيە
ئۇيغۇرچە ماقالە سانى: 5,136

 
2021- يىل 17- دېكابىر، جۈمە

خەلقئارالىق ئۇچۇر بىلىم تور بېتى ۋىكىپېدىيەنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخاسىغا خوش كېلىپسىز!

ھەپتىلىك نادىر يازما

نەجىب ئەلكەيلانىي ۋە تۈركىستان كېچىلىرى ئەدىب نەجىب كەيلانىي ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە كىملىك كۈرىشىدۇر. «تۈركىستان كېچىلىرى» ناملىق مەزكۇر رومان 1971 - يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ كىرىش سۆز ئورنىدىكى قىسمىدا بايان قىلىنغىنىدەك، ئەدىب كەيلانىي ھەجگە بارغىنىدا تۈركىستانلىق بىر بۇۋاينىڭ ھىكايىسىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلايدۇ. ھېكايە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان خوجانىياز ھاجى يېغىلىقى بىلەن باشلاپ ئوسمان باتۇرنىڭ كۈرەشلىرى ۋە ئاقىۋەتتە يەنىلا قىزىل خىتاينىڭ چاڭگىلىدا قالغان ئانا ۋەتىنىنىڭ 1930 – 1951 - يىللار ئارىسىدىكى قىسمەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور ھېكايىدىن تەسىرلىنىپ ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن بىرگە بەدىئىي جانلاندۇرۇشلار بىلەن بىر ئەدەبىي رومان يېزىپ چىقىدۇ. رومان مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىشىدىغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە تونۇشلۇق بولغان «ئويغانغان زېمىن» (1988) ۋە «ئانا يۇرت» (2000) رومانلىرىدىن خېلىلا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان، شۇنداقلا چەتئەلدە، بىرىنچى قول شاھىدنىڭ ئۆز ئاغزىدىن، بىرىنچى شەخس تىلىدا، ھەرقانداق تاسقاش ۋە پۇتاشلاردىن خالىي بايان قىلىنغان ھايات سەرگۈزەشتىسىنىڭ بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن ھالىدۇر. .
ئۇيغۇر خەلقى 1884- يىلىدىن بېرى خىتايلارنىڭ ئىستىلاسى ئاستىدا ئېزىلمەكتە. 1931- يىلىدىكى قومۇل ئىنقىلابىنىڭ پىلتىسىنى تۇتاشتۇرغان ۋەقە ھەقىقەتەن بىر خىتاينىڭ بىر ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي نىكاھىغا ئېلىشقا تىرىشىشىدۇر. لېكىن بۇ يۈزسىز خىتاي بىر «ئوفېتسىر» ئەمەس، 1931 - يىلى جىن شۇرېن تەرىپىدىن قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرك ناھىيىسىگە قاراشلىق سۇيۇلغا جايلاشقان ئېغىزغا باج باشقۇرغۇچى تەيىنلەنگەن جاڭ گوخۇ ئىسىملىك بىر خىتايدۇر. دەۋامى...

يېڭىلىقلار

17-ئىيۇن كۈنى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قۇتلۇق بىر كۈن بولدى. ئۇيغۇرلار زارىقىپ كۈتۈۋاتقان ھەمدە ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتالىرىدا ماقۇللانغان «2020-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىپ، خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىقىرىلغان تۇنجى قانۇن بولۇپ قالدى.

  • خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېرقى قېىرغىنچىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارا سوت كوللىگىيەسى قۇرۇلدى.

3-سىنتەبىر پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئۇيغۇر رايۇنىدا (شەرقى تۈركىستاندا) خىتاي دۆلىتىىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە بدشقا تۈركى خەلقلەرگە سادىر قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيانە جىنايىتىنىڭ مىللى قىرغىنچىلىق ئكەنلىكىگە ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق خەلق سوتى قۇرۇلدى.

  • تارىخىي بۇرۇلۇش: ئا ق ش سىياسىي سەھىنىسىدىكى ھەر ئىككى پارتىيەدىن ئەزالار «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى»دەپ تونۇش قانۇن لايىھسنى ئوتتۇرىغا قويدى!

دېموكراتلار پارتيىسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مەنەندەز ۋە جەف مەركلى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىن جون كورنىين ۋە ماركۇ رۇبىئۇ قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇش ۋە قارشى ھەرىكەت قوللىنىش قانۇن لايىھەسنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى سايلامدىن كېين مۇزاكىرىگە قويۇلىدىكەن. ئەگەر قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ ۋە دۇنياۋى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن سياسىي، دىپلوماتىك ۋە ھەربىي ۋاستىلەرگىچە پرېزدېنتنىڭ ئىجرا قىلىشى مەسئۇلىيەتكە ئايلىنىدۇ!

بىلەمسىز...

East Turkestan Logo.svg

مەشھۇر شەخس...

Khoja Niyaz.jpg

خوجىنىياز ھاجى (چاغاتايچە: جواجە نياز حاجى) 1889- يىلى قۇمۇلدا قۇل دورغا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئىمىننىياز ئۇنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن 17 يىشىدا ساۋۇراخۇن دېگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئويلەپ قويىدۇ، 1907-يىلى ئالۋاڭغا ئىشلەپ قايتىشىدا 20 نەپەر گەنسۇ چىرىكلىرىگە تۇتۇلۇپ بىر ئاي ھاشارغا ئشلەيدۇ .بۇ چاغدا تورپاقلار قوزغىلىڭى نىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىچىپقورايغا بارىدۇ .ۋەئاممىغا قوشۇلۇپ ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ ،قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا ئۆتىدۇ .قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ۋاڭ ئۇنى تۇتالماي دادىسىنى زىندانغا تاشلايدۇ ،ھاجىم ئانىسىنىڭ يەردىمىدو ھەج سەپىرىگە كىتىدۇ .1912-يىلى قايتىپ كېلىدۇ......داۋامى ئۈچۈن

تارىختا بۇ ئاي...

نويابر، يىلنىڭ 11 - ئېيى:

  1. 1933 - قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئسىلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
  2. 1944 - غۇلجادە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تاللانغان رەسىم

[[1352 - ھىجرىيە، 24 - ماھى رەجەبدە ئاللاھ سۇبھانە ۋە تەئالانىڭ ياردەم ۋە نۇسرەتى بىلەن ۋە رەئىسىمىز خوجانىياز ھاجى ۋەلەدى ئەمىننىياز ھاجى ھەزرەتلەرىنىڭ لاياقەتلىك ۋە سالاھىيەتلىك ۋەكىللەرنىڭ ئىتتىفاقىغە ۋە بۈتۈن ئەساكىرى ئىسلام قۇماندانلارىغە ۋە ئۇمۇمىي مۇۋافەقەت بىرلىكلەرىغە سۈيەنىب، مۇستەقىل شەرقى تۈركىستانىمىزنىڭ بىرىنچى ھۆكۈمەت مۇەققەتەسى قۇرۇلدى...باياننامە ئوقۇلغاچ نەۋبەت بىلەن تەبرىكلەر سۆزلەندى. خوشلىق ئۈچۈن 41 دانە توپ ئاتىلدى. شۇ بىلەن بىرگە شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى مىللىي بايراغى كۆتەرىلدى. ئاي يۇلتۇزلۇق مىللى كۆك بايراق يىللار مابەينىدە ئۆتكەن شان - شەۋكەتلىق ھاكىمىيەت دەۋىرلەرىنى يادلاتىپ تۇرار ئىدى. دارىلمۇئەللىمىن تەلەبەلەرىنىڭ:
بايراقىمىز كۆك بايراق،
ئوردۇمۇز ئالتۇن ئوردۇ.
تۈركىستان تۈركنىڭ يۇردى،
تۈركىستاننىڭ ئولاجاق.
دەپ دەردلى كۆڭىللەردەكى غايەلەرىنى يۈكسەك ئاۋاز بىلەن ساف تۈرك تىلىدە سۆزلەپ تۇرار ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى (1933 - يىلى 12 - نويابرتۈمەن دەرياسى بويى، كاشغەر

مۇنازىرە ۋە ياردەم · تۈرلەر · ئاچقۇچ تۈرلەر · تۈر
ئۇچۇر | پەلسەپە | ئومومى | ئىلىم | ئەمەلىي | جەمئىيەت | گۇمانتار | تىل | تېخنىكا‏ | تەبىئەت | مەدەنىيەت | ئەدەبىيات | تارىخ | ھالقىما | جۇغراپىيە | كىشلەر | ۋىكى

ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك ڭ گ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي


باشقا ۋىكى تۈرلىرى

ۋىكىلۇغەت
كۆپ تىللىق لۇغەت
[ۋىكىكىتاپ]
ئەركىن كىتاب ۋە قوللانمىلار
[ۋىكىنەقىل]
ماقال تەمسىل ۋە ھىكمەتلەر
ۋىكى مەنبە
ئەركىن كۈتۈبخانا
ۋىكى تۈرلىرى
تۈرلەر تىزىمى
ۋىكىخەۋەر
ئەركىن يېڭىلىقلار
Commons
تاراتقۇ ئامبىرى
Meta-Wiki
ۋىكى مەركىزى