تەۋسىيەلىك ئىشلەش مۇھىتى

  • PHP 5.2.4 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى.
  • MYSQL 5.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشرى.
  • … ۋە يەنە http://wordpress.org غا قارىتىلغان بىر ئۇلانما.

قاچىلاش

  1. پىرېسلانغان WordPress ھۆججىتىنى بىر قۇرۇق مۇندەرىجىگە قويۇپ پىرېستىن يېشىپ، ھەممىنى مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
  2. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ. بۇنىڭدا ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاساسىدا بىر wp-config.php سەپلىمە ھۆججىتى قۇرىدىغان مەشغۇلاتقا يۆتكىلىسىز.
    • بەزى سەۋەبتىن بۇ مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ ئەندىشە قىلماڭ. بۇ مەشغۇلاتنىڭ بارلىق مۇلازىمېتىرلاردا ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن. غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى wp-config-sample.php ھۆججىتىنى خالىغان بىر تېكىست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئىچىدىكى ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.
    • بۇ ھۆججەتنى wp-config.php نامىدا ساقلاپ مۇلازىمىتېرىڭىزغا يۈكلەڭ.
    • تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ.
  3. سەپلىمە ھۆججىتى تەييار بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پىروگراممىسى بىلوگىڭىزغا لازىملىق ساندان جەدۋەللىرىنى ئاپتوماتىك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، wp-config.php ھۆججىتىدىكى ساندانغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، قايتا سىناپ بېقىڭ. يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە) دىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.
  4. بىرەر پارول كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز، سىزگە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارول بېرىلىدۇ. ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، سۈكۈت قىممىتى بويىچە admin قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
  5. ئەمدى قاچىلاش پىروگراممىسى سىزنى كىرىش بېتىگە باشلاپ بارىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان ئىشلەتكۈچى نامىڭىز ۋە پارولىڭىز ئارقىلىق باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ. ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولدا كىرگەن بولسىڭىز، شەخسىي ئارخىپىڭىزدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.