WordPress
3.1.3 نەشرى

دەۋر بىلەن تەڭ ماڭىدىغان شەخسىي نەشرىيات سۇپىسى

تۈزگۈچىدىن

خۇش كەپسىز. ۋوردپرەس مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر تۈر. ھەر بىر تۈزگۈچى ۋە تۆھپىكار قوشۇپ بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق كۆپچىلىك بىرلىكتە گۈزەل بىر سىستېمىنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق. بۇنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. كۆپچىلىك ۋوردپرەس ئۈچۈن چەكسىز كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى. ۋوردپرەسنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىپ تۇرماقتىمىز. ئاخىرىدا ۋوردپرەسنى تاللىغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

— مات مۇللېنۋېگ (Matt Mullenweg)

قاچىلاش: داڭلىق 5 مىنۇتتا قاچىلاش پروگراممىسى

  1. پرېسلانغان ۋوردپرەس ھۆججىتىنى بىر قۇرۇق مۇندەرىجىگە قويۇپ پرېستىن يېشىپ، ھەممىنى مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ. .
  2. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ. بۇنىڭدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىڭىز ئاساسىدا بىر wp-config.php سەپلىمە ھۆججىتى قۇرىدىغان مەشغۇلاتقا يۆتكىلىسىز.
    1. بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ مەشغۇلات ئوڭۇشلۇق بولمىسىمۇ ئەندىشە قىلماڭ. بۇ مەشغۇلاتنىڭ بارلىق مۇلازىمېتىرلاردا ئىشلەپ كېتىشى ناتايىن. غول مۇندەرىجە ئاستىدىكى wp-config-sample.php ھۆججىتىنى خالىغان بىر تېكىست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىپ، ئىچىدىكى ساندان ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ چىقىڭ.
    2. بۇ ھۆججەتنى wp-config.php نامىدا ساقلاپ مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
    3. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/install.php نى ئېچىڭ.
  3. سەپلىمە ھۆججىتى تەييار بولغاندىن كېيىن قاچىلاش پروگراممىسى بلوگىڭىزغا لازىملىق ساندان جەدۋەللىرىنى ئاپتوماتىك قۇرۇپ چىقىدۇ. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، wp-config.php ھۆججىتىدىكى ساندانغا لازىملىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىقىپ قايتا سىناپ بېقىڭ. يەنىلا ئوڭۇشلۇق بولمىسا قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە) دىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدەپ كۆرۈڭ.
  4. بىرەر پارول كىرگۈزمىگەن بولسىڭىز، سىزگە ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارول بېرىلىدۇ. قوللانچى نامىنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز، كۆڭۈلدىكى قىممەت بويىچە admin قىلىپ بېكىتىلىدۇ.
  5. ئەمدى قاچىلاش پروگراممىسى سىزنى كىرىش بېتىگە باشلاپ بارىدۇ. قاچىلاش جەريانىدا تاللىغان قوللانچى نامىڭىز ۋە پارولىڭىز ئارقىلىق باشقۇرۇش بېتىگە كىرىڭ. ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىنغان پارولدا كىرگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا شەخسىي ئارخىپىڭىزدىن ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

يېڭىلاش

ئاپتوماتىك يېڭىلاش

ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ۋوردپرەسنىڭ 2.7 نەشرى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەشرى بولسا ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيسىز:

  1. wp-admin/update-core.php/ ھۆججىتىنى تور كۆرگۈچىڭىزدە ئېچىپ، كۆرسىتىلگەن بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ.
  2. يەنە بار دەپ قارىغانمىدىڭىز؟ پەقەت شۇنچىلىكلا!

قولدا يېڭىلاش

  1. يېڭىلاشتىن بۇرۇن index.php غا ئوخشاش ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكەن ھۆججەتلەرنى بىر نۇسخا زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ.
  2. ئۆزگەرتكەنلىرىڭىزدىن باشقا كونا ۋوردپرەس ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.
  3. يېڭى ھۆججەتلەرنى مۇلازىمېتىرىڭىزغا يۈكلەڭ.
  4. تور كۆرگۈچىڭىزدە wp-admin/upgrade.php/ نى ئېچىڭ.

ئۇسلۇب ئەندىزىسىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ئۇسلۇب ئەندىزىسىنى ئۆزىڭىز ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز، ئۇنى يەنە يېڭى نەشرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

باشقا سىستېمىلاردىن ئىمپورتلاش

ۋوردپرەس بىر قانچە سىستېمىدىن ئىمپورتلاشنى قوللايدۇ. ئىمپورتلاش قوراللىرىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە ۋوردپرەسنى قاچىلاپ نورمال ئىشلەش ھالىتىگە كەلتۈرۈڭ.

سىستېمىغا بولغان تەلىپى

سىستېمىغا تەۋسىيە

توردىكى ماتېرىياللار

سىز يولۇققان مەسىلىگە قارىتا بۇ ھۆججەتتىن تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز، ۋوردپرەسنىڭ توردىكى مول ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىڭ:

ۋوردپرەس كودېكس
كودېكس (Codex) بولسا ۋوردپرەسنىڭ قامۇسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋوردپرەسنىڭ نۆۋەتتىكى نەشرى توغرىسىدىكى زور مىقداردىكى ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن.
ۋوردپرەس تۈزۈش بلوگى
بۇ يەردىن ۋوردپرەسنىڭ ئەڭ يېڭى يېڭىلاش ئۇچۇرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆرەلەيسىز. بۇ بەتنى خەتكۈچلىۋېلىپ يېڭى ئۇچۇرلارنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ۋوردپرەس پلانېتىسى
پلانېت (Planet) بولسا ئىنتېرنېتتىكى ۋوردپرەس بلوگىغا يوللانغان يازمىلارنى توپلاپ كۆرسىتىدىغان خەۋەر قورالى.
ۋوردپرەس قوللاش مۇنبىرى (ئىنگلىزچە)
باشقا ھېچقانداق يەردىن جاۋاب تاپالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ناھايىتى كۆپ ۋە تولىمۇ قىزغىن ئىشلەتكۈچىلەر يىغىلغان ئىنگلىزچە قوللاش مۇنبىرى سىزگە ياردەم بېرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار. ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر چۈشىنىشلىك تېما قويۇپ، مەسىلىنى تەپسىلىي يېزىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.
ۋوردپرەس IRC قانىلى
يەنە، ۋوردپرەس ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن توردا چايخانا تەمىنلەنگەن بولۇپ، قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر مەسىلىلەرنىمۇ سوراشقا بولىدۇ. بۇ قانالغا يۇقىرىقى ۋىكى بېتىدىن كىرگىلى بولىدۇ. (irc.freenode.net #wordpress)

XML-RPC ۋە Atom كۆرۈنمە يۈزى

نۆۋەتتە Windows Live Writer, Ecto, w.bloggar, Radio Userland (بۇنىڭدا Radio نىڭ ئېلخەتتە يازما يوللاش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ), NewzCrawler ۋە Blogging API نى قوللايدىغان باشقا قوراللارنى ئىشلىتىپ ۋوردپرەسكە يازما يوللاشقا بولىدۇ! :) تەپسىلاتىنى كودېكستىكى XML-RPC ياردەملىرى (ئىنگىلىزچە) دىن كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئېلخەتتە يازما يوللاش

ئېلخەت مۇلازىمەت قورالىدىن يازما يوللىيالايسىز! بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن "يېزىش" تاللاش كۆزنىكىدە ئۆزىڭىزنىڭ مەخپىي POP3 ھېساباتىڭىزنىڭ ئۇلىنىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇڭ. ئاندىن يېڭى ئېلخەت يازمىسى بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن wp-mail.php نى قەرەللىك ئىجرا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەپ بېرىڭ. بۇنى cron-jobs ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ناۋادا مۇلازىمېتىرىڭىز ئۇنى قوللىمىسا، سىز بىر قانچە خىل تور بەت كۆزىتىش مۇلازىمىتىنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئاندىن ئۇلارنى wp-mail.php ئادرېسىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.

يازما يوللاش تولىمۇ ئاددىي: سىزنىڭ بەلگىلەپ قويغان ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يوللانغان ھەرقانداق ئېلخەت يازما بولۇپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئېلخەتنىڭ تېمىسى يازما تېمىسى بولىدۇ. ئادرېسنى مەخپىي تۇتۇش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللانغان يازمىنىڭ ئېلخېتىنى سىستېما ئۆزى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

قوللانچى دەرىجىسى

2.0 دىن باشلاپ تېخىمۇ قۇلايلىق بولغان قوللانچى دەرىجىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى قوللاندۇق. بۇ توغرىلىق كودېكستىكى قوللانچى دەرىجىسىگە ئائىت ماتېرىياللاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

ئورتاقلىشىش

ۋوردپرەسنىڭ مىليون دوللارلىق بازىرى ياكى داڭلىق چوڭ قوللىغۇچى كارخانىلىرى بولمىسىمۇ، لېكىن سىزگە ئوخشاش يېقىن قوللىغۇچىلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلىرى بار. شۇڭا بىز يەنىلا سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا تەييارمىز. ئەگەر ۋوردپرەستىن خۇشاللىق تاپالىسىڭىز ئۇنى دوستىڭىزغا تونۇشتۇرۇڭ، ياكى ۋوردپرەس توغرىلىق سىزچىلىك بىلىمگە ئېرىشىش پۇرسىتى بولمىغانلارغا قاچىلاپ بېرىڭ، ۋە ياكى ۋوردپرەسنى ياراتمايدىغان يازغۇچى- ئاخباراتچىلارغا ئېلخەت يوللاپ قويۇڭ.

ۋوردپرەس بولسا مىشېل .ۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن b2/cafélog كە رەسمىي ۋارىسلىق قىلغان بلوگ قورالى بولۇپ، ئۇنى ۋوردپرەس تۈزگۈچىلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ھازىرقى ۋوردپرەسكە ئەكەلگەن. ۋوردپرەسنى قوللىماقچى بولسىڭىز، ئىئانە قىلىشنى ئويلىشىپ كۆرۈڭ.

نەشر ھوقۇقى

ۋوردپرەس ھەقسىز يۇمشاق دېتال بولۇپ، نۆۋەتتە GPL كېلىشىمىنىڭ 2 ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى (خالىسىڭىز) نەشرىدە تارقىتىلماقتا. license.txt كە قاراڭ.